شىنجاڭ ۋاقتى
شىنجاڭ ۋاقتى، شۇنداقلا ئۈرۈمچى ۋاقتى ھەم دېيىلىدۇ. يەرلىك جۇغراپىيىلىك مەۋقىئى يۈزىسىدىن بەلگىلەنگەن ئۆلچەملىك ۋاقىتتۇر. بۇ ۋاقىت UTC+06:00 سائەتىنى ئۆلچەم ئالىدۇ، شۇنداقلا قازاقىستان ۋاقتى بىلەن بىردەك بولۇپ، بېيجىڭ ۋاقتىدىن ئىككى سائەت كېيىندۇر.[1] بۇ ۋاقىت رايونى ئۇيغۇر رايونىدا بېيجىڭ ۋاقىتى بىلەن ماس قەدەملىك قوللىنىلىدۇ.[2][3]
ئۆتمۈشى
[تەھرىرلەش]1970 ۋە 1980- يىللاردا، شىنجاڭ ۋاقتى كۆپ قېتىم بىكار قىلىنىپ قايتا يولغا قويۇلۇشلارنى باشتىن ئۆتكۈزدى. 1986- يىل ھۇد ئېيىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خەلقى ئىچىدە شىنجاڭ ۋاقتى (UTC+6) قوللىنىشنى تەستىقلىدى. لېكىن، تۆمۈريول، ھاۋايول ۋە پوچتا-تېلگراف قاتارلىق كەسىپلەردە داۋاملىق بېيجىڭ ۋاقتى قوللىنىش بەلگىلەندى.[3][4] لېكىن بۇ قارار ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە شۇ جايغا يەرلەشكەن خەنزۇلارنىڭ بولۇشسىز ئىنكاسىنى قوزغىدى.[5]
قوللىنىلىش
[تەھرىرلەش]كۈنمىزدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ۋاقىت قوللىنىش مىللەت پەرقىگە كۆرە ئايرىلغان ھالغا كېلىپ قالدى، كۆپچىلىك خەنزۇلار بېيجىڭ ۋاقتى، كۆپچىلىك ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر ئۈرۈمچى ۋاقتى قوللانماقتا.[6] بەزى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئىككى ۋاقىتنى تەڭ قوللانماقتا.[7][8] ئىككى ئۆلچەملىك ۋاقىتنى تەڭ قوللىنىش كۈتۈلمىگەن قولايسىزلىقلارنى ھەم تۇغدرۇماقتا، بولۇپمۇ كۆپ مىللەت ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئوقۇشماسلىقلار كېلىپ چىقماقتا.[9][10][11] بۇ يۈزدىن قالايماقانچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قايسى ۋاقىت ئىكەنلىكى، بەئزىدە ئوقتۇرۇش ئوبىكتىغا قارىتا مۇۋاپىق ۋاقىت نامى بىلەن ئوقتۇرۇشلاردا ئېنىق قىلىپ قىلىپ بىلدۈرۈلمەكتە.[12]
شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى، خەنزۇچە قاناللار بېيجىڭ ۋاقتى، ئۇيغۇر ۋە قازاقچە قاناللار ئۈرۈمچى ۋاقتى قوللانماقتا.
2014- يىلى، ئامېرىكا ئالما شىركىتى يېڭى نۇسخا iOS سېستىمىسىنى ئېلان قىلغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى قوللانغۇچىلار ئۈچۈن ئۈرۈمچى ۋاقتىنى كىرگۈزگەن. بۇندىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى قوللىنىپ كۆنۈپ قالغان قوللانغۇچىلارنىڭ ئويغىتىشلىرى، ئۆز ۋاقتىدا چالماي قېلىپ، شۇ كۈنى بەزى قوللانغۇچىلارنىڭ كۈنلۈك تۇرمىشىغا بولىشسز تەئسىر كۆرسەتكەن.[13]
مەنبە
[تەھرىرلەش]- ↑ "Archive copy". Archived from the original on 2016-03-04. Retrieved 2016-12-28.CS1 maint: archived copy as title (link)
- ↑
冷 知 识:“北京 时间”的 由来 . شىنخۇا تورى. 2015-يىل 03- ئوغلاق ئۇلانمىسىدىن ئارخىپلەندى - ↑ 3.0 3.1 GUO, Qing-sheng.
中国 标准时制考 (PDF). China Historical Materials of Science and Technology. 2001, 22 (3): 269–280 [2016-12-09]. 1000-0798(2001)03-0269-12 خەنزۇچە. - ↑
法定 时与北京 时间,خەلق مائارىپى نەشرىياتى,ئارخىپلەندى 2006-11-14 at the Wayback Machine. - ↑
王 力雄 .我 的 西域 ,你的東 土 :沒 有人 曾經,或 可能 如此解讀 新 疆與維吾爾 人 .大 塊 出版 . 2007. ISBN 9789862130117. (ۋاڭ لىشيوڭ، مېنىڭ غەربىي يۇرتۇم، سېنىڭ شەرقى تۈركىستانىڭ: بۇرۇن ھېچكىم، ياكى بەلكىم شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارنى بۇنداق تونۇشتۇرمىغاندۇر. داكۇۋەي نەشرىياتى، 2007) - ↑ 【
讀書 時間 】在 時間 的 悟 透 里 跋涉 或 存在 . - ↑ "Bending Time in Xinjiang".
- ↑
作 息 时间. (ئەسىل مەزمۇن 12 ئوغۇز 2014 ئارخىپلەندى). - ↑ 10
点 日出 ,半夜 吃 饭,在 新 疆用北京 时间的 烦恼. نيويورك ۋاقت گېزىتى خەنزۇچە تور نۇسخاسى ئېلانى. 17 سەفەر 2016. - ↑ 【
城市 】乌鲁木 齐:没 有屋 顶的博物 馆. جەنۇب ھەپتە ئاخىرى. - ↑ Clocks square off in China's far west. Los Angeles Times. 31 March 2009.
- ↑ ^
北京 时间的 概念 (بېيجىڭ ۋاقتى ئوقۇمى) - ↑ ئۈرۈمچى خەلقىنىڭ ئىنكاسى:ئالما سېستىما يېڭىلىغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك شىنجاڭ ۋاقتىنى تاللاپ قويىماقتا. سۇمرۇغ تورى.